
ئامېرىكا Terrafugia شىركىتى ياسىغان ‹‹ قوش ماكانلىق ›› ئاپتوموبىل ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى . ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى يېقىندا بۇ ئاپتوموبىلنى سودا خاراكتېرلىك ئىشلەپچىقىرىشقا رۇخسەت قىلغان .
بۇ ئاپتوموبىل 30 سېكۇنت ئىچىدە ئايروپىلانغا ئۆزگىرەلەيدىغان بولۇپ ، شوپۇر جايىدا ئولتۇرۇپلا بۇ مەشغۇلاتنى تاماملىيالايدىكەن . بۇ ئاپتوموبىلنى ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدىغان قۇرۇلۇش ئېنژېنىرى لايىھەلىگەن بولۇپ ، ئامېرىكا ماسساچۇسېتس ئىشتاتى Terrafugia شىركىتى ياساپ چىققان . بۇ ئۆزگىرىشچان ئاپتوموبىل يەردە ماڭغاندا ، سائەتلىك سۈرئىتى 145 كىلومېتىرغا ، قاناتلىرىنى كېرىپ ئاسماندا ئۇچقاندا ، سائەتلىك سۈرئىتى 185 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن . بىر باك قوغۇشۇنسىز بېنزىن قاچىلىۋالسا 805 كىلومېتىر مۇساپىىنى باسالايدىكەن .

ياسىغۇچى شىركەت مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى : بۇ ئۆزگىرىشچان ئاپتوموبىل كۆپ تۈرلۈك سىناقلاردىن ئۆتتى . ئۇ ئادەتتىكى ئاپتوموبىلغا ئوخشاش يولدا ماڭالايدىغان ، ئايروپىلانغا ئوخشاش ئۇچالايدىغان بولۇپ ، ناھايىتى تېز ئۆزگىرەلەيدۇ . بۇ ئۆزگىرىشچان ئاپتوموبىلنىڭ زاكالەت پۇلى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، نۆۋەتتە ، 70 ئادەم زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇپ ، قىممىتى 194 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق (تەخمىنەن 1 مىليون 314 مىڭ خەلق پۇلى) بۇ ئۆزگىرىشچان ئاپتوموبىلنى سېتىۋېلىشقا تىزىملاتتى . |