مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى 2010-يىلى29-ئىيۇل
ھىندىستانلىقلار دۆلەت ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 9 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ 126 كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋالغانلىقىدىن خۇشال بولۇشنى ياكى غەزەپلىنىشنى بىلەلمەي تۇرۇۋاتقاندا، تېخىمۇ كۆپ سوممىلىق سودا بولدى. ‹‹ھىندىستان گېزىتى››نىڭ يېقىندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى 11 مىليارد دوللارلىق زور خامچوتنى تەستىقلاپ رېكورت يارىتىپ، دېڭىز ئارمىيەسىگە ئالتە يېڭى ئەۋلاد دىزېل مېيى ۋە توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان چۆكمە پاراخوت سېتىۋېلىشنى تەستىقلىغان. جۇڭگونىڭ دېڭىز ئارمىيە مۇتەخەسسىسى لى جيې مۇخبىرىمىزغا: ھىندىستان بىر قەدەر كۈچلۈك ئاۋىياماتكا كۈچىگە ئىگە. بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىش ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، رايوننىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، دېدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ سېتىۋېلىش تۈرى ‹‹751 قۇرۇلۇشى›› دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ ئالتە يېڭى چۆكمە پاراخوتنىڭ ئۈچى ھىندىستاندىكى بومباي مازاگائو پىرىستانىدىكى كېمىسازلىق زاۋۇتىدا ياسىلىدىكەن، بىرى ۋىزاكاپاتنامدىكى ھىندىستان كېمىسازلىق زاۋۇتىدا ياسىلىدىكەن. قالغان ئىككىسى، سىرتتىن بىۋاسىتە ئىمپورت قىلىنىدىكەن ياكى ئالاھىدە بېرىلگەن ھوقۇقلۇق ئۇسۇل بىلەن ھىندىستان كېمىسازلىق زاۋۇتىدا ياسىلىدىكەن. ‹‹ھىندىستان گېزىتى››دە مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى چۆكمە پاراخوت سۇ ئاستىدا غايىپ بۇلالايدىغان بولۇپ، دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىش ۋە كەلگۈسى تېخنىكىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جەھەتتە خېلىلا ئەۋزەللىككە ئىگە. پاراخوتتىكى بارلىق ئۈسكۈنىلەر ھاۋا ئىتتىرىش سىستېمىسىغا تايانمايدۇ، ئىلگىرىكى دىزېل مېيى ۋە توك بىلەنھەرىكەتلىنىدىغان چۆكمە پاراخوتلارنىڭ ھەر نەچچە كۈندە بىر سۇ يۈزىگە چىقىپ توك قاچىلاشتەك ئاۋارىچىلىكىدىن خالىي بولۇپ، يۇشۇرۇن ھەرىكەت قىلىش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. ھازىر ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ‹‹751 قۇرۇلۇشى›› غا خېرىدار چاقىرىش ئۇقتۇرۇشىنى رۇسىيە دۆلەت قورال – ياراغ ئېكسپورت قىلىش شىركىتى، فىرانسىيە ‹‹ئامارىس›› شىركىتى، گېرمانىيە ‹‹MDW›› كېمىسازلىق زاۋۇتى ۋە ئىسپانىيە ‹‹ناۋەنتىئا›› شىركىتىگە ئەۋەتىپ بەردى.
‹‹ھىندىستان گېزىتى››دە ‹‹ھىندىستان چۆكمە پاراخوتى SOS سىگنالى تارقىتىش›› نى تېما قىلىپ، ‹‹2015 – يىلى ئۆزىنى ھالاك قىلىش›› خەۋپىگە يۈزلەنگەن ھىندىستان چۆكمە پاراخوت فىلوتى ئاشكارىلانغانىدى. خەۋەردە يەنە: ھازىر ھىندىستاندا ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان چۆكمە پاراخوتلارنىڭ بىراك بولۇش سۈرئىتى تېزلەۋاتىدۇ، 2015 – يىلىغا بارغاندا، فىلوتتا ئاران 15 كونىراپ كەتكەن دىزېل مېيى ۋە توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان چۆكمە پاراخوت قالىدۇ، دېيىلدى. ھالبۇكى ھىندىستاننىڭ ئىلگىرى فىرانسىيەدىن تېخنىكا كىرگۈزۈپ ياساۋاتقان ئالتە ‹‹چايان›› دەرىجىلىك چۆكمە پاراخوت قۇرۇلۇشى كەينىگە سۈرۈلۈش ۋە تەننەرخى ئېشىپ كېتىشتەك قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلمەكتە. ئىگىلىنىشىچە تۇنجى ‹‹چايان›› دەرىجىلىك چۆكمە پاراخوت 2012 – يىلى تاپشۇرۇلىدىكەن. |